ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

(2) جازا لاگېرىغا قامالغان ئۆلىمالار

(2) جازا لاگېرىغا قامالغان ئۆلىمالار
قېرىنداشلىرىمىز تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا تەسىس قىلغان جازا لاگېرلىرىغا خىتاينىڭ ئۆزلىرى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى ئاچقان ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، مەسجىدلەردە ئىمام-خاتىپلىق خىزمىتىنى قىلىۋاتقان ئۆلىمالارنىمۇ ئەسەبىيلىك، تېرورلۇق باھانىسى بىلەن تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ئىگىلىدۇق.
ئابدۇللا تەلئەت، غۇلجىدىن. ئۇ ھىندونېزىيە، يەمەنلەردە ئوقۇپ يېتىشكەن ئۆلىما بولۇپ، غۇلجا ياشلىرى ئارىسىدا دىنىي ئوقۇتۇش ۋە دەۋەت بىلەن تونۇلغان. ئەرەبچە، خىتايچە ۋە مالاي تىللىرىنى پىششىق بىلىدۇ. ئۇ 2017-يىلى 6-ئايلاردا جازا لاگېرىغا سولانغان.
ئابلىكىم ئەھەد، مىسىردا دىنىي ئوقۇشنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن 2009-يىلى شەرقىي تۈركىستانغا قايتىپ، نىلقا ناھىيەسىدىكى چوڭ مەسجىدنىڭ ئىماملىق خىزمىتىنى قىلغان. نىلقا خەلقىگە دىننى يەتكۈزۈشتە خالىسانە خىزمەتلەرنى قىلىپ، ناھىيە ئىچىدە كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان. ئۇ 2017-يىلى 5-ئايلاردا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىن ئىز-دېرىكى بولمىغان.

  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ