ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

(4)سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ۋە 11 ـ سېنتەبىردىن كېيىنكى شەرقىي تۈركىستان

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2011-04-11 10:51:57 جەمئى 7235 قېتىم ئوقۇلغان.

-شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۇرغۇن ئىمكانىيەتلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىدە ھېچ شۈبھە يوق. لېكىن خىتايلار بايقىغان بۇ مۆلچەرنى....

 

در. ئەكرەم ھىجازىي

 

-شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۇرغۇن ئىمكانىيەتلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىدە ھېچ شۈبھە يوق. لېكىن خىتايلار بايقىغان بۇ مۆلچەرنى ئەرەب تارىخچىسى ياقۇت ھەمەۋىي ئاللىبۇرۇن ئوتتۇرىغا قويۇپ بولغان بولۇپ، مەشھۇر كىتابى «يەر ـ جايلار قامۇسى»نىڭ 7 ـ جىلد، 270 ـ بېتىدە مۇنداق دەپ يازغان: «ماۋەرائۇننەھىر ئەڭ گۈزەل، ئەڭ مۇنبەت ۋە ئەڭ پايدىلىق زېمىندۇر. ئۇنىڭ ئاھالىسى كۈچتۈڭگۈر، شىجائەتلىك، باتۇر، قورقماس، يېنىدا ھەمىشە قورال ئېلىپ يۈرىدىغان خەلق بولۇشىغا قارىماي، ياخشىلىق قىلىشنى سۆيىدىغان، سېخىي، قوللىرىدا بارنى تەڭ يەيدىغان كىشىلەر ئىكەن. يېرىنىڭ مۇنبەتلىكىگە كەلسەك، ئۇنى تەسۋىرلەشكە تىل ئاجىزلىق قىلىدۇ. كىشى پۈتۈن ئىسلام ئالىمىدە ۋە باشقا يۇرتلاردا ئەنە شۇنداق تۇپراق بولسىكەن دەپ ئارزۇ قىلماي قالمايدۇ». ھەمەۋىي ئېيتقان بۇ سۆزلەر بۇنىڭدىن ئىلگىرى بەلازىنىڭ «شەھەرلەر پەتھىلىرى» ناملىق كىتابىدا: «ئۇ زېمىن ئاللاھنىڭ يەر يۈزىدىكى جەننەتلىرىدىن بىرىدۇر» دەپ يازغان سۆزلىرىدىن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ.

بىر قانچىلىغان مەنبەلەردىن ئېلىنغان سانلىق مەلۇماتلارنىڭ تىلى بىلەنمۇ بۇ ئىككى سۈپەتنىڭ ناھايىتى توغرا ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىش ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىغىمچانلىق كۈچىنىڭ نەقەدەر چوڭ ئىكەنلىكىنى بايقاش مۇمكىن. شەرقىي تۈركىستان يايلاقلىرىدا 60 مىليون تۇياق چارۋا ـ مال بېقىلىدۇ. ئۇنىڭ ئەڭ ئاساسلىق مەھسۇلاتى ئاشلىق دان بولۇپ، پۈتۈن خىتاي نوپۇسىنىڭ ئۈچتىن بىرىنىڭ ئوزۇقلۇق ئېھتىياجىنى قامداشقا يېتىدۇ. كان بايلىقلىرىمۇ ناھايىتى مول بولۇپ، تۈرى 140 خىلدىن ئاشىدۇ. ئۇلار: كۆمۈر (زاپاس مىقدارى 2.19 تىرىليون توننا بولۇپ، پۈتۈن خىتاينىڭ زاپاس مىقدارىنىڭ %40 ــ %50تىگە تەڭ كېلىدۇ)، قوغۇشۇن، تۆمۈر، مىس، تۇز ۋە باشقىلار. ئۇنىڭ يەنە ئۇران قاتارلىق ئىستراتېگىيىلىك كان بايلىقلىرىنىڭ زاپاس مىقدارى 12 تىرىليون توننىدىن ئاشىدۇ. ئالتۇننىڭ زاپاس مىقدارى تەخمىنەن 19 مىليون توننا بولۇپ، 56 ناھىيەدە ئالتۇن ئىشلەپ چىقىرىلىدۇ. يىللىق ئىشلەپ چىقىرىش مىقدارى 360 كلوگىرام. ئەڭ مۇھىم بايلىقىدىن يەنە بىرى نېفىت بولۇپ، زاپاس مىقدارى 6.5 ــ 8.2 مىليارد توننا مۆلچەرلەنمەكتە. نېفىتمۇ خىتاينىڭ ئومۇمىي زاپاس مىقدارىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى تەشكىل قىلىدۇ. يىللىق ئىشلەپ چىقىرىش مىقدارى 27.4 مىليون توننا بولۇپ، بۇ مىقدارنىڭ 2010 ـ يىلىغا بارغاندا 60 مىليون توننىغا، 2020 ـ يىلىغا بارغاندا 100 مىليون توننىغا يەتكۈزۈلىشى مۆلچەرلەنمەكتە. 1988 ـ يىلىدىكى مەلۇماتقا كۆرە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ 700 كۋادىراد كلومېتىرلىق يەر كۆلىمى ئىچىدە 800 مىليون توننىغا يېقىن يېنىك ۋە ئېغىر تىپتىكى نېفىتنىڭ، 30 مىليارد كۇپ مېتىر تەبىئى گازنىڭ بارلىقى ئېنىقلانغان. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى شەرقىي تۈركىستاننى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جان تومۇرى، شۇنداقلا ئېغىر سانائەت جان تومۇرى ھېسابلايدۇ. ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىمى شۇكى، شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ يادرو قورال ئىشلەپ چىقىرىش بازىسى بولۇپ، ئاساسەن ئۇنىڭدىن ئىشلەپچىقىرىلغان ئۇرانغا تايىنىدۇ[1].

شەرقىي تۈركىستان ياقۇت ھەمەۋىنىڭ: «ئۇنى تەسۋىرلەشكە تىل ئاجىزلىق قىلىدۇ» دېگىنىدەك، ھەقىقەتەنمۇ ئېسىل يۇرت. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ يۇرت پۈتۈن مۇستەملىكىچىلەرنىڭ كۆزىنى قىزارتىدۇ. خىتاينىڭ تېخىمۇ كۆپ نوپۇسىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ نوپۇس زىچلىقى بىر كۋادىراد كلومېتىردا بەش كىشىدىن ئاشمايدىغان رايونلىرىغا يەرلەشتۈرۈش ئىمكانى بار. چۈنكى خىتاينىڭ ھەر بىر كۋادىراد كلومېتىر يېرىگە 160 كىشى توغرا كېلىدۇ. كېيىن خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى سىياسىي كېڭەش دائىمى ئەزاسى ۋاڭ لېچۈەن 2005 ـ يىلى ئۆتكۈزۈلگەن “ئىلىم ـ پەن ۋە تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ يىللىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى”دا خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە ئۇزۇندىن بېرى يوشۇرۇپ كېلىۋاتقان شۇم نىيىتىنى ئاشكارىلاپ مۇنداق دېگەن: «خىتاي دۆلىتىنىڭ 21 ـ ئەسىردىكى ئىقتىسادىي نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇل سېلىشتا چوقۇم شەرقىي تۈركىستاننىڭ نېفىت بايلىقلىرى ۋە ئۇنىڭ بىردىنبىر جوغراپىيىلىك ئورنىدىن پايدىلىنىش كېرەك»[2]. بۇ بايانات شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتايغا يەتكۈزىدىغان پايدا ـ مەنپەئەتلەر، ئىمتىيازلار ۋە ھەل قىلغۇچ پىلان ـ لايىھەلەر جەھەتتە خىتاينىڭ نەگە يەتكەنلىكىنى، قانداق سەۋەبلەر بولۇشىدىن، قانداق بەدەل تۆلىنىشىدىن ۋە نەتىجىنىڭ نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەرگىز سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى ئىنتايىن يىغىنچاقلاپ چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

شۇنىسى ناھايىتى ئوچۇقكى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قاراتقان ھازىرقى سىياسىتى ئىستراتېگىيىلىك سىياسەت بولۇپ، ھېچقانداق ئىجتىمائىي داۋالغۇشنى (ئۇنىڭ تىپى ۋە كۈچى قايسى دەرىجىدە يۈكسەك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر) كۆتۈرەلمەيدۇ. ئەگەر ئىجتىمائىي قالايمىقانچىلىق داۋام قىلسا، نىشاننى ئېغىر تىپتىكى يەر ئاستى سانائەت قۇرۇلۇشلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستاندا كۆمۈلۈپ ياتقان، تېخى ئېچىلمىغان بايلىقلارنى چىقىرىش، پايدىلىنىش ۋە ئۇنى قوغداشنىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوق. لېكىن نەتىجە ئېتىبارى بىلەن، خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا يېڭى ئىسىم قويۇشتا قىلغان تالاش ـ تارتىشتىنمۇ تەسرەك تالاش ـ تارتىشقا قالىدىغاندەك قىلىدۇ. ناۋادا خىتاينىڭ ئىقتىسادى ۋە شەرقىي تۈركىستان زوراۋان مۇستەملىكىچىلىك بىلەن باغلاشتۇرۇلسا، يەنە كېلىپ تەرەققىيات سۈرئىتى بىلەن سان ـ سىپىرلىق تېخنىكا بىر ـ بىرىگە سېلىشتۇرۇلىدىغان بۇ ئەسىردە، بۇ باغلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيىلىك ۋە ئومۇمىيۈزلۈك بولىدىغان بولسا، ۋاز كەچمەسلىك مەنتىقىسى بويىچە ئېغىر دەرىجىدە بىر ۋەقەنىڭ چىقىشىغا تەۋەككۈل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. خىتاي تەلەپ قىلغان ئاسايىشلىق ۋە مۇقىملىققا نېمە كاپالەتلىك قىلالايدۇ؟

ئىككىنچى مەسىلە

 

پارچىلاش ئىستراتېگىيىسى: ئەندىشە ۋە تەكلىپلەر

 

شۇنداق قىلىپ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرى ئاخىرلاشتى. ئەمما ئىنسانىيەت ھاياتىدا يەر ئۈستى ۋە يەر ئاستى بايلىق مەنبەلىرىنى ئىگەللىۋېلىپ، دۇنياغا خوجا بولۇش مۇددىئاسى بىلەن قاتتىق رىقابەت ئۈستىگە قۇرۇلغان يېڭى بىر باسقۇچنى باشلاش ئۈچۈن خەلقئارا ئىقتىساد ۋە ئىلىم ـ پەن دۇلقۇنلىرى كۆتۈرۈلدى. خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستان ئىشلەپ چىقىرىدىغان قىممەتلىك بايلىقلارغا قارىتا ئىستىراتىگىيلىك تاللاش يولىنى ھەل قىلىپ بولدى، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىچكى ۋەزىيىتىنى چوقۇم ھەل قىلىشى كېرەك. بۇ يەردە بىر سوئال تۇغۇلىدۇ، ئۇ بولسىمۇ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ۋە ھازارىتىنى يەرلىك سەۋىيەدە پارچىلاشقا قاراتقان ئىستىراتىگىيىلىك پىلانى نېمە؟

 

1 ـ دىنغا قارشى دۆلەتلىك ۋە خەلقئارالىق نازارەت ئاستىدا كۈرەش قىلىش

 

خىتايلار تۈركىستانلىقلارنىڭ 1300 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بېرى مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىدۇ[3]. ئۇلار يەنە ئىسلام بايرىقىنى خىتاي ئىچىگە خىتاينىڭ غەربىي چېگرىسىدىن كۆتۈرۈپ كىرگەنلەرنىڭ دەل تۈركىستانلىقلار ئىكەنلىكىنىمۇ ياخشى بىلىدۇ. تۈركىستانلىقلار ئىسلام دىنىغا شۇنداق چىڭ يېپىشقانكى، تۈركىستان ئىسلام دەۋرلىرىدە ئىلىم ـ پەن، بىناكارلىق، ئەدەپ ـ ئەخلاق، قەدىر ـ قىممەت ۋە كەڭ قورساقلىق جەھەتلەردە كۆپ راۋاجلاندى. ھەتتا مۇڭغۇللار ئىسلام دىنىغا تۈركىستاننى مۇستەملىكىسى ئاستىدا تۇتۇۋاتقان دەۋردە كىرگەنىدى. تېخىمۇ ئوچۇق قىلىپ ئېيتساق، مۇسۇلمانلار خىتاي تىلىدا «چەنتۇ» يەنى “سەللىلىك ئادەم” دەپ مەشھۇرلىشىپ كەتكەنىدى[4]. خىتايلار يەنە تۈركىستاننىڭ تارىخىي ۋە ھازارەت نۇقتىسىدىن ئىسلام بۆشۈكى بولغانلىقىنى، ھەر ئەسىردە ئىسلامنى ئىسلاھ قىلىپ تۇرغانلىقىنى، نۇرغۇن ھەدىسشۇناس، فىقھىشۇناس، تىلشۇناس ئالىملارنى يېتىشتۈرۈپ چىققانلىقىنى، بۇ ئالىملارنىڭ ئىسلام دىنىنى تارقىتىش ۋە ئۇنى قوغداشتا ناھايىتى چوڭ تۆھپىلىرىنىڭ بارلىقىنى ياخشى بىلىدۇ[5]. ئۇلار يەنە شەرقىي تۈركىستاندا تارىخ بويىچە چەتئەل باسقۇنچىلىرىغا قارشى پۈتۈن ئىنقىلاپ ۋە قوزغىلاڭلارنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى بىردىنبىر كۈچنىڭ ئىسلام دىنى ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىدۇ. بۇ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەم تەپەككۇرىدىن ھەم ھازارىتىدىن نە قىيىن، نە ئاسان بىر شەكىلدە چىقىرىۋېتىش مۇمكىن بولىدىغان ئىش ئەمەس. تارىخ ئىسپاتلىغان بىر ھەقىقەت شۇكى، تۈركىستانلىقلار خۇددى ياقۇت ھەمەۋىنىڭ: «تۈركىستان ئاھالىسى كۈچتۈڭگۈر، شىجائەتلىك، باتۇر، قورقماس، يېنىدا ھەمىشە قورال ئېلىپ يۈرىدىغان خەلق» دېگىنىدەك، ھەقىقەتەن شانۇ ـ شەۋكەتلىك بىر مىللەت ئىدى. بۇ سۈپەتلەرگە ئىگە خەلق قاتتىق جېدەلخور كېلىدۇ. ئۇلار پەقەت غەپلەتتە قالغان زامانلاردىلا مەغلۇب بولىدۇ، ھەرگىز تەسلىم بولمايدۇ[6]. خىتايلار ئۆتمۇشتە بۇ تەجرىبىلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەنىدى، ھازىر ۋە كېلەچەكتىمۇ بېشىغا تەكرار كېلىپ قېلىشتىن قاتتىق ئەنسىرىمەكتە. خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىسلام دىنىغا ۋە ئەقىدىسىگە، تۈركىستان خەلقىنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىغا ۋە ئىرقىي كىملىكىگە ۋەھشىلەرچە ھۇجۇم قىلىشىنىڭ يوشۇرۇن سىرلىرى بۇنى ئاز ـ تولا ئىزاھلاپ بەرسە كېرەك.

داۋامى بار...

[1] بۇ سانلىق مەلۇماتلار بىرقانچە مەنبەلەردىن ئېلىنغان.

[2] ئىپتىكار بەندارىنىڭ «تۈركىستان خىتاي بايلىقلىرىنىڭ مەنبەسى» ناملىق ماقالىسى. ئىسلام ئونلاين تور بېتى: 12/7/2009،http://www.islamonline.net/servlet/Satellite?c=ArticleA_C&cid=1246346235114&pagename=Zone-Arabic-News/NWALayout

[3] ئىسلام دىنى شەرقىي تۈركىستانغا خەلىپە ئابدۇلمەلىك ئىبنى مەرۋان (ھىجىرىيە 86 ـ يىلى، مىلادى 705 ـ يىلى) نىڭ زامانىدا كىرگەن. ئىسلام سەركەردىسى قۇتەيبە ئىبنى مۇسلىم باھىلى كېيىنكى كۈنلەردە كىچىك بۇخارا دەپ نام ئالغان پايتەخت قەشقەرنى ھىجىرىيە 96 ـ يىلى، مىلادى 715 ـ يىلى پەتھى قىلغان.

[4] «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى» يۇقىرىقى مەنبە.

[5] ئابدۇلئەزىز چېڭگىزخاننىڭ «تۈركىستان ئاسىيانىڭ قەلبى» ناملىق كىتابى. ئاپتور تۈركىستان تارىخى ۋە ئۇنىڭ ئىسلام دىنىغا رولىغا ئالاقىدار ئاجايىپ تەپسىلى مەلۇماتلارنى، شۇنداقلا بىباھا ئەسەرلىرى بىلەن ئىسلام تارىخىنى يورۇتقان ئونلارچە ئۆلىمالارنىڭ مەلۇماتلىرىنى توپلىغان بولۇپ، ئۇلار: داڭلىق ئالىم ۋە ئىمام ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەد ئىبنى ئىسمائىل، تىرمىزى، نەسائى، «ئەلكەششاف» ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى جارۇللاھ زەمەخشەرى، «ئەلمىفتاھ» ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى يۇسۇف سەككاكى، ئابدۇلقادىر جۇرجانى، سەئدۇددىن تەفتازانى، سەييىد شەرىف جۇرجانى، «ئەمەبسۇت» ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى فىقھىشۇناس داڭلىق ئالىم سەرخەسى، سەدىدۇددىن قەشقىرى، «ئەھىدايەھ» ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى ئەلى ئىبنى ئەبۇ بەكر مىرغىينانى، داڭلىق شەرىئەتچى ۋە تەپسىرشۇناس بۈيۈك ئالىم ئەبۇ بەرەكات ئابدۇللاھ ئىبنى ئەھمەد نەسەفى، ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەت ئىمامى ئەبۇ مەنسۇر ماتىرىدى، ئەبۇ بەكر خەۋارىزىمى، سۇلى، مەھمۇد قەشقىرى قاتارلىقلار. ئۇلاردىن باشقا يەنە شاشى، سەمەرقەندى، نەسەفى، قەشقىرى، خوتەنى، خەۋارىزىمى، تىرمىزى، بەلخى، ئۆزكەندى، خوقەندى، فارابى، مىرغىينانى، فەرغانى، بۇخارى... دەپ تەخەللۇس قوللانغانلارنىڭ ھەممىسى تۈركىستانلىقتۇر. ئەبۇ نەسر فارابى، ئەلى ئىبنى سىنا، خالىد ئىبنى ئابدۇلمەلىك، ئەبۇ زەيد بەلخى (بۇ كىشى جوغراپىيەنى تۇنجى قېتىم قەدىمىي يونانلىقلار ئۇسلۇبىدا يازغان)، بەنۇ مۇسا ئىبنى شاكىر قاتارلىق ئالىملار ئابباسى خەلىپىلىكى دەۋرىدە ماتېماتىكا ئىلمىدە داڭ چىقارغانلار ئىدى. ئۇلار يەنە مۇسۇلمانلاردىن ئىنجىنىرلىقنى تۇنجى كەشپ قىلغان، خەلىپە مەئمۇنغا يەر شارى دەرىجە ئۆلچىمىنى تونۇشتۇرغان ۋە ئۇنى توغرىلىغان، ئالگېبرا ئىلمىنى كەشپ قىلغان ۋە مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ھىندى خەلقىنىڭ ھېساب ئىلمىنى تاراتقان ئالىملاردۇر. ئەبۇ رەيھان بىيرۇنى، ئەرەب تىلى قامۇسىنى ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ مۇكەممەل تۈزۈپ چىقىپ، ئەرەب خەلقىگە سوۋغا قىلغان ئالىم جەۋھەرى ۋە باشقا بۈيۈك تۆھپىكار ئالىملار تۈركىستان خەلقىنىڭ ئوغلانلىرى ئىدى.

[6] ئۇيغۇر دېگەن سۆز ئۇيغۇر تىلىدا «ئۇيۇشۇش» ياكى «بىرلىشىش» دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ. ئەمما ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تارىخى مىلادىدىن ئىلگىرى ئۈچىنچى ئەسىرگە قايتىدۇ. ئۇيغۇر دېگەن ئىسىم تۈركىستاننىڭ ئەسلى خەلقىدىن بىرقانچە قەبىلىلەرنىڭ ئىتتىپاق تۈزۈشى ياكى بىرلىشىشى نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن.  

 

 

 

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ