ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

50 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر شەرقىي تۈركىستانغا قايتۇرۇلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-04-11 13:46:13 جەمئى 964 قېتىم ئوقۇلغان.

50 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر شەرقىي تۈركىستانغا قايتۇرۇلدى

50تىن ئارتۇق ئۇيغۇر شەرقىي تۈركىستانغا قايتۇرۇلدى

زىمىستان تورىنىڭ 10-ئاپرېل بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ چىڭداۋ شەھىرىدە ئشلەۋاتقان 50 نەچچە ئۇيغۇر شەرقىي تۈركىستانغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلغان. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى يېقىندا چىڭداۋ شەھىرىدە ئىشلەۋاتقان 50 نەچچە ئۇيغۇرنى «ئىش چىقىرىدۇ» دېگەن باھانە بىلەن مەجبۇرىي ئۈرۈمچىگە قايتۇرۇۋەتكەن. مەزكۇر ئۇيغۇرلار چىڭداۋدىكى مەلۇم زاۋۇتتا ئۇزۇندىن بېرى ئىشلەپ كەلگەن بولۇپ، خىتاي دائىرلىرى ئالدىنقى يىللىرى زاۋۇت مەسئۇللىرىنى ئۇيغۇرلارنى ئىشلەتمەسلىك ھەققىدە بىر نەچچە قېتىم يوشۇرۇن ئاگاھاندۇرغان. بىراق زاۋۇتتا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مەسئۇلىيەتچان، چىقىشقاق بولغانلىقى، ئىشچىلار ئالماشتۇرۇلسا، زاۋۇتتىكى ئىشلەپچىقىرىشقا بىر مەزگىل تەسىر قىلىدىغانلىقى سەۋەبلىك، زاۋۇت مەسئۇللىرى ئۇلارنى سەۋەبسىز ئىشتىن قوغلاشنى خالىمىغان. خىتاي دائىرىلىرى ھەرخىل باھانىلەر بىلەن زاۋۇت مەسئۇللىرىغا بېسىم ئىشلەتكەن، ھەتتا ئۇيغۇرلارنى ئىشلەتكەن زاۋۇتنى ئەتراپىدىكى تاملارغا 40 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى تىكەنلىك سىم ئورنىتىشقا مەجبۇرلاپ، زاۋۇت مالىيەسىنى ئارتۇقچە چىقىمدار قىلغان. ئاخىرىدا خىتاي ساقچىلىرى يېقىندا چىڭداۋدا ئۆتكۈزىلىدىغان ھەربىي مانىۋىرنى باھانە قىلىپ زاۋۇت مەسئۇللىرىغا 50 نەچچە ئۇيغۇرنى داۋاملىق ئىشلىتىشكە قەتئىي بولمايدىغانلىقىنى ئاشكارا ئېيتىپ، ئۇلارنى ئۈرۈمچىگە قايتۇرۇۋەتكەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ