ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

تۈركىيەدىن بىر ئۆمەك شەرقىي تۈركىستاندا تەشكۈرۈش قىلماقچى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-02-13 17:03:22 جەمئى 7328 قېتىم ئوقۇلغان.

تۈركىيەدىن بىر ئۆمەك شەرقىي تۈركىستاندا تەشكۈرۈش قىلماقچى

 تۈركىيەدىن بىر ئۆمەك شەرقىي تۈركىستاندا تەشكۈرۈش قىلماقچى
14- ڧۋرال تۈركىيەدىكى ئوخشىمىغان پارتىيە، تەشكىلات ۋە ئاخباراتچىلاردىن تەركىب تاپقان 15 ۋەكىل خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تەسس قىلغان لاگېرلار ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيەت ئەھۋالىنى تەكۈشۈرۈش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستانغا بارماقچى بولغان.
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن تەتقىقاتچى مىركامىل قەشقەرى 13- ڧېۋرال خىتاينىڭ تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ كۆزىنى بوياشقا پۇرسەت بەرمەسلىك ئۈچۈن، تۈركىيە تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ قايسى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىشى ھەققىدە مۇھىم تەكلىپلەرنى بەرگەن.
تەكلىپتە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان:
« تۈركىيە تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئالى دەرىجىلىك مېھمانخانىلاردىن خالىغانچە چىقىپ، خىتاي باشلاپ بارمىغان ئارقا كوچىلار، چەت يېزىلارنى تەكشۈرۈش ھوقۇقى بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىشى، ئىمكان بولسا خىتاي چىگىرىدىن قوغلاپ چىقارغان مۇخبىرلارنىڭمۇ ئۆمەككە قوشۇلۇشىغا يول قويۇشىنى تەلەپ قىلىشى، تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئىچىدىكى مۇخبىرلار مەخپى ھالدا خىتاي تەكشۈرۈشكە يول قويمىغان ئورۇنلارنى تەكشۈرۈشكە جۈرئەت قىلالايدىغان بولىشى، مۇخبىرلار خىتاي روخسەت قىلمىغان ئورۇنلارنى سىنغا ئالالايدىغان جاسارەتلىك بولىشى زۆرۈر. خىتاي ئالدىنقى ئايلىرى بىر قىسىم خىتاينىڭ تەرپىنى ئالىدىغان دۆلەت مۇخبىرلىرىنى ئۆزى ياساپ چىققان ئورۇن ۋە شەخسلەر زىيارەت قىلدۇرۇپ ھەق- ناھەقنى ئاستىن- ئۈستۈن قىلىۋەتتى.»
تەكلىپنىڭ ئاخىردا شەرقىي تۈركىستاندا تۇتقۇن قىلىغان ئاكادېمىك، ئۆلىما، سەنئەتچى، تەتقىقاتچى، ژورنالىست قاتارلىقلارنىڭ ئىسىملىرى بويىچە ئايرىم ئايريم ئوتتۇرىغا قويولغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ