ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

دىنىي پائالىيەتلەرنى پاش قىلىش ھۆججىتى تارقىتىلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-03-08 16:08:46 جەمئى 1554 قېتىم ئوقۇلغان.

دىنىي پائالىيەتلەرنى پاش قىلىش ھۆججىتى تارقىتىلدى

 دىنىي پائالىيەتلەرنى پاش قىلىش ھۆججىتى تارقىتىلدى
7-مارت زىمىستان تورىنىڭ بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئالدىنقى يىللىرى شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزگەن دىنغا قارشى سىياسەتلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدە يۈرگۈزۈشكە باشلىغان.
خەۋەردە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى ئېلىپ بارغان «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» قالايمىقانچىلىقىغا سەھىپە ئاچقانلىقى، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ ھەرقايسى شەھەر ۋە يېزىلىرىغا دىنىي پائالىيەتلەرنى مەخپىي پاش قىلىش ساندۇقى، دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنى پاش قىلىش ساندۇقى، ھەقسىز پاش قىلىش تور بېتى ۋە تېلېفون لىنىيەسى بېكىتكەنلىكى، ئاممىنى كەڭ دائىرىدە ئۆزئارا نازارەت قىلىشقا تەشكىللىگەنلىكى، ئادەتتىكى ئەھۋاللارنى پاش قىلىپ، راستلىقى ئېنىقلانغۇچىلارنى 500 يۈەندىن 2000 يۈەنگىچە نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلايدىغانلىقى، خاراكتېرى ئېغىر بولغان ئەھۋاللارنى پاش قىلغانلارنى 5000 يۈەن نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلايدىغانلىقى ھەققىدە ھۆججەت تارقاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى ئاممىنى ئۆزئارا پاش قىلىشقا تەشكىللەپ، ئاممىنى بىر-بىرىگە ئىشەنمەيدىغان، ھەتتا ئۆزئارا زىددىيەتلىشىدىغان، بىر-بىرىنى تارتىپ چىقىرىدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ، خەلق ئىچىدىكى زىددىيەتتىن پايدىلىنىپ، خەلقنى ئومۇميۈزلۈك باستۇرغانلىقىنى، بۇ قېتىممۇ يەنە ئۆتكەن ئەسىردىكى رەزىل تەدبىرلىرىنى ئەينەن ئىشلىتىشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ